خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازارلىق شىپاخانا پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيەسى ئەمىلىيىتى پائالىيىتى داۋامىدا بىمارلانىڭ ئىنكاسىغا قۇلاق سېلىپ، شىپاخانا ۋە دوختۇر–سستېرالار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەرھال تۈزىتىپ، بىر ئاي ئىچىدە شىپاخانا مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش بىلەن بىللە دوختۇر–سىستېرالار ئارىسىدا بېتىيون روھىنى جارى قىلدۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاپ بىمارلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئۇلارنى ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق رازى قىلدى. مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا
سۈرەتتە: 23- ئىيۇل چىمەن بازارلىق شىپاخاننىڭ باشلىقى پاتىگۈل ئابلىز (ئوڭدىن 1-كىشى) بىمارلارنىڭ تەكلىپ–پىكىرلىرىنى ئاڭلىماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى