- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يۈ جېڭشېڭ: مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى
2014.07.22 13:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
يۈ جېڭشېڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. شېنخۇا ئېردوس كۆمۈر مېيى شۆبە شىركىتى، ئېردوس تىۋىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ زامانىۋى تىۋىتچىلىك باغچىسى، يىلى ئوقەتچىلىك گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەھۋالى، تېخنىكا يېڭىلاش، كەسىپ تەرەققىياتى، ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. قۇبۇچ قۇملۇقىدىكى يىلى ئېكولوگىيەنى تۈزەش رايونىدا قۇمنى تىزگىنلەش ۋە قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى. ئىچكى موڭغۇل مۇزېيىدا ئېلىمىزنىڭ شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇنى قوغداش-راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيە مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر