22-ئىيۇل ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىدىن تېنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تىنچلىق شەرقىي ئۆستىڭى ۋە تىنچلىق غەربىي ئۆستىڭىگە بىرلا ۋاقىتتا سۇ قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ۋاقتى تەخمىنەن 10 كۈن بولىدىكەن. ھەر كۈنلۈك سۇ قويۇپ بېرىش مىقدارى 100 مىڭ كۇپ مېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن؛ شۇ چاغدا، تېنچلىق ئۆستىڭىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەل- دەرەخلەر ۋە تۆۋەنكى ئېقىمدىكى ئېتىزلار سۇغا قانىدىكەن؛ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى شەھەر ئاھالىلىرىنى سۇ قويۇپ بېرىش مەزگىلىدە، بالىلارنى ئۆستەڭ بويىدا ئويناتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تېنچلىق ئۆستىڭىنى ئاسراپ، ئۆستەڭگە خالىغانچە ئەخلەت تاشلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.