باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.07.22 14:49   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

  شۇ جاي ۋاقتى 20-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كاراكاستا ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈشنى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ 4 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دائىملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇش، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، سىياسىي پارتىيەسى، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئىستىراتېگىيەلىك پىلاننى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، ھەم جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىللىق بىلەن يول ئېچىپ، ھەم ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىپ، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنپەئەت بىرلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە سېلىنمىنى يېتەكچى، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئالاقىنى كېڭەيتىش. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت قىلىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، تاراتقۇ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇش. جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو-لاتېن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئومۇمىيىتى، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…