12-ئاۋغۇست، كىنو چولپىنى چېڭلوڭ ئەنگلىيە لوندوندىكى تېمىس دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەنگلىيە كىنو جەمئىيىتىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاۋغۇست، چېڭلوڭ باش رول ئالغان ھەرىكەتلىك فىلىم ‹‹12 مۆچەل›› ئەنگلىيەدە قويۇلۇشقا باشلىغان.