باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر كۈندە 10 نەپەر نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا يېڭى رېكورد ياراتتى

2014.08.14 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر كۈندە 10 نەپەر نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا يېڭى رېكورد ياراتتى

  « خېبېي ئۆلكىلىك قانتاش- ترانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى پەن شياۋدۇڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.»

  13-ئاۋغۇست كەچتە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە يۇقارقى ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىمى ئاستىدا، بىر نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئانچە كۆزگە چىلىقىپ كەتمىسىمۇ، بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئونىنچى نازىر دەرىجىلىك كادىر ھېسابلىنىدۇ.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خېبېي ئۆلكىسىدىكى پەن شياۋدۇڭدىن باشقا يەنە گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن ئوبلاستىدىكى 3 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا چيەندۇڭنەن ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، لېيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ جۈن، چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ يۈبياۋ، چيەندۇڭنەن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ پېڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  خۇبېيدا 3 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مېي زۇئېن، شياۋگەن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يەنچېن، ليۇ جيەنجۈن ئىكەن.

  شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سەنشى ئۆلكىسىدىكى 3 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە پارتىيەدىن قوغلانغان بولۇپ، ئۇلار ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى گو جۇڭشې، ئۆلكىلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى رېن يۈنفېڭ ۋە داتۇڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جىن رۈيلىنلەر ئىكەن.

  جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى بىر كۈندە 9 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سان بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى «24 سائەتتە 8 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىك» رېكورتىنى يېڭىلىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

  تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى بۇ قېتىم بىر كۈندە 10 نەپەر نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ رېكورتنى يەنە بىر قېتىم بۇزۇپ تاشلىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر