باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر قىسىم مەركەز ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، بايرامنى پاك-دىيانەتلىك ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

2014.08.14 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا-سالام بېرىش، يەپ-ئېچىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنىڭ قايتا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە «ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايتوقاچ سوۋغا قىلىش» قاتارلىق «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى پاش قىلىش كۆزنىكى ئېچىلدى، بىر قىسىم جايلار ۋە تارماقلار چەكلەش بۇيرۇقى ۋە تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىپ، ئىنتىزام تەلىپىنى چىڭىتىپ، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا تەكىتلىدى.

  مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى: تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا-سالام بېرىش قاتتىق چەكلىنىدۇ

  24-ئىيۇل، مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «30-ئىيۇن» مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ ۋە سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر