باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

2014.07.22 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش «ۋاقىت جەدۋىلى» ۋە «يۆنىلىش خەرىتىسى» تۈزۈپ چىققاندىن كېيىن، بىر ئاي ئىچىدە چىقىرىلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا پايدىلىق ئۈچىنچى سىياسەت ھېسابلىنىدۇ.

   «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توكلۇق ئاپتوموبىلنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئىستراتېگىيەلىك نىشانى قىلىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل، توكقا چېتىلىدىغان (ئۇزارتىلغان مۇساپىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارىلاش ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە باتارىيەلىك ئاپتوموبىللارنى مەركەزلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر