ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماق ئىدارىسى چېگرادىن كىرىش–چىقىش ئىش بېجىرىش زالىغا ئاپتوماتىك تېز تارتىش ئاپپاراتى قويۇلغان بولۇپ ، بۇ ئاپپاراتتا سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن پەقەت 15 سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدىكەن ، 3 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇچۇر تالونى ۋە سۈرەتنى ئالغىلى بولىدىكەن . بۇ ئاپپاراتتا ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك سۈرىتى ، پاسپورت ، شياڭگاڭ–ئاۋمېن يول خېتى سۈرىتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار كىنىشكىسى ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ۋاقىتلىق پويىزغا چىقىش ئىسپاتى قاتارلىق ھەر خىل كىنىشكىلارنىڭ سۈرىتىنى چۈشكىلى بولىدىكەن ؛ ئادەتتە بىر سۇڭلۇق 8 پارچە رەسىمگە 20 يۈەن ، 2 سۇڭلۇق رەسىمگە 30 يۈەن ھەق ئېلىنىدىغان بولۇپ ، باھاسى ئادەتتىكى سۈرەتخانىلارنىڭ باھاسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن . بۇ خىلدىكى ئاپپاراتتىن پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە پەقەت ئىككىسىلا بولۇپ ، يەنە بىرى قورغاس چېگرا ئېغىزى ئىش بېجىرىش زالىدا ئىكەن .