دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل بوئېنوس ئايرېستا ئارگېنتىنانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ، قوشۇمچە كېڭەش پالاتا باشلىقى پۇتۇ (ئالدىنقى رەت سولدا) ، ئاۋام پالاتا باشلىقى دومىڭگۇز (ئالدىنقى رەت ئوڭدا) بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل بوئېنوس ئايرېستا ئارگېنتىنانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ، قوشۇمچە كېڭەش پالاتا باشلىقى پۇتۇ ، ئاۋام پالاتا باشلىقى دومىڭگۇز بىلەن كۆرۈشتى .
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى : جۇڭگو-ئارگېنتىنا ھەمكارلىقى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ دەۋر دولقۇنىغا ماسلىشىپ ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى . تۈنۈگۈن مەن زۇڭتۇڭ كرىستىنا بىلەن مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم ، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلىپ ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كەڭ ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق . نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا ، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى مۇھىم تەرەققىيات شېرىكى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ بىلىپ ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك .