باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئازاد قىلغۇچى›› ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى

2014.07.22 08:55   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئازاد قىلغۇچى›› ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇل كاراكاستا، ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرونىڭ ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بەرگەن ‹‹ئازاد قىلغۇچى›› ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇل كاراكاستا، ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرونىڭ ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بەرگەن ‹‹ئازاد قىلغۇچى›› ئوردېنىنى قوبۇل قىلدى.

  ‹‹ئازاد قىلغۇچى›› ئوردېنى ۋېنسۇئېلانىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرىگە بېرىدىغان ئەڭ ئالىي شەرىپى. مۇراسىمدا، مادۇرو شى جىنپىڭغا ئوردېن لېنتىسى ۋە ئوردېننى تاقاپ قويدى. مادۇرو تەبرىك سۆزىدە ۋېنسۇئېلا-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگونىڭ تىنچلىقنى قوغداش، ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىگە مەدھىيە ئوقۇدى ھەمدە شى جىنپىڭغا ‹‹ئازاد قىلغۇچى›› ئوردېنىنىڭ بېرىلىشىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن گەۋدىلىك تۆھپىسىگە بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ مادۇرونىڭ ماڭا ‹‹ئازاد قىلغۇچى›› ئوردېنىنى بېرىشى زۇڭتۇڭ مادۇرو ۋە ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو-ۋېنسۇئېلا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ۋېنسۇئېلا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستانە مېھر-مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى. ۋېنسۇئېلانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى چاۋس ئىلگىرى جۇڭگو-ۋېنسۇئېلانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى سەددىچىنغا ئوخشاش مۇستەھكەم دېگەنىدى. جۇڭگو بىلەن ۋېنسۇئېلانىڭ دوستلۇقىمۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئورىنوكو دەرياسىغا ئوخشاش ئۇزۇن بولۇپ، مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇپ- تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ۋېنسۇئېلا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، مەڭگۈ ئۆزئارا ئىشەنچلىك ياخشى دوستلاردىن ۋە ئۆزئارا تەڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان ياخشى شېرىكلەردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…