مۇخبىرنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى دېخوڭ دەيزۇ ، جىڭپو ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە ، بۈگۈن (21-ئىيۇل) سائەت 6:00 لەردە ، ماڭ شەھىرى ماڭخەي بازىرى لۈيىڭ كەنتىدە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بېرىپ ، 21 ئائىلىدىكى 105 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 13 ئائىلىنىڭ 39 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان ، 19 ئادەم يوقاپ كەتكەن ، تۆت ئادەم يارىلانغان ، 79 ئادەم بىخەتەر جايغا جىددىي يۆتكەلگەن ، ئىككى يول بۇزۇلغان . نۆۋەتتە ، يۈننەن ئۆلكىسى ۋە دېخوڭ ئوبلاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالاقىدار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىۋېتىپتۇ .