باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان پېنسىيەلىك ئەمەلدارلارنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردە مۇستەقىل مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالغا جاۋاب بەردى

رەتكە سېلىشقا تېگىشلىكلەرنى قەتئىي رەتكە سېلىش لازىم

2014.07.23 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر 10-ئاي، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش مەسىلىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە «پىكىر» دېيىلدۇ)نى تارقاتقاندىن بۇيان، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردە مۇستەقىل مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، جامائەتچىلىك تاراتقۇلىرى ۋە ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 22-چېسلا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجلىك كادىرلار 229 ئادەم قېتىم تەرتىپكە سېلىندى، ھەر ئايلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئىز قوغلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى «پىكىر» تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش مەسىلىسىنى مەركەزلىك قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سالدى. مەركەزلىك قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى 40700 ئادەم قېتىمدىن ئوشۇق تەرتىپكە سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار 229 ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى جەريانىدا، بىز ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تېخىمۇ قاتتىق تۇتتۇق، مىخ روھى ئارقىلىق خىزمەتنى ئەمەلىي، ئەستايىدىل ئىشلەپ، بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپكە سېلىشقا تېگىشلىك بولغان كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى تەرتىپە سېلىشنى قەدەممۇقەدەم ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

  رەھبىرىي كادىرلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئىلمىي جەمئىيەت، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرسە، شۇنداقلا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ

  بىر قىسىم پېنسىيەلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىش، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش، نام تۇرغۇزۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «ئەگرى سېزىق» ئسىتراتېگىيەسىنى قوللىنىپ مۇستەقىل مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشتەك ئەھۋاللارغا قارىتا، «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيەلىك رەھبىرىي كادىرىلا بولىدىكەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىلمىي جەمئىيەت ياكى ئالىي مەكتەپلەردە قانداق ۋەزىپە ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممسى «پىكىر»دىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، قائىدىگە خىلاپ ھالدا كارخانىلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قاتنىشش، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش، نام تۇرغۇزۇش ئارقىلىق «پىكىر»دىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدۇ، ئاتالمىش «ئەگرى سىزىق» ئىستراتېگىيەسى كۈچكە ئىگە ئەمەس.

  قائىدىگە خىلاپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش مەسىلىسى تېگى-تەكتىدىن قايتا-قايتا رەتكە سېلىپ تەكشۈرۈلىدۇ، مەسىلىنى يوشۇرغان، چۈشۈرۈپ مەلۇم قىلغانلار كەسكىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

  ئالدى بىلەن، يەنىلا «پىكىر»دىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتتىق ئىجرا قىلىش لازىم. ئىككىنچىدىن، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، رەتكە سېلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، كارخانىلاردا بەلگىلىمىگە خىلاپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ھالغان پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى يوشۇرغان، ياكى قەستەن ھالدا بەلگىلىمە بويىچە رەتكە سالمىغانلار بايقالسا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىش لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر