باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى پىڭنەندىكى ھامىلدار ئايالنى ئېتىۋەتكەن خەلق ساقچىسى خۇ پىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

2014.07.23 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:22 -ئىيۇل، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيگاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھاراق ئىچىپ ھامىلدار ئايالنى ئېتىۋەتكەن پىڭنەن ناھىيەسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق ساقچىسى خۇ پىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى.

  2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۇيگاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار خۇ پىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغانىدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خۇ پىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇندى. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا خۇ پىڭنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان ھەمدە قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىغانىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر