- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گۇاڭجوۋدا 300 دىن ئارتۇق پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ھەر كۈنى ئاپتوبۇس بېكىتىنى چارلىماقتا
2014.07.23 16:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجوۋ ساقچى تەرەپ ئاممىۋىي ئاپتوبۇس بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. يېقىندا گۇاڭجوۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پۇقراچە چارلاش تارماق ئەترىتى (ئاممىۋىي ئاپتوبۇس تارماق ئىدارىسى) ھەر كۈنى 300 دىن كۆپرەك ساقچى ئاجرىتىپ، ئاممىۋىي ئاپتوبۇس ۋە ھەر قايسى چوڭ بېكەتلەردە پۇقراچە كىيىنىپ چارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك، پارتلايدىغان بۇيۇملار تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە گۇاڭجوۋ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا بىخەتەرلىك خادىمى سەپلەش ئۈستىدە قاتناش تارماقلىرى بىلەن ماسلاشماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر