باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماكدونالد بىلەن كېنتۇككىنىڭ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرى ۋاقتى ئۆتكەن ناچار گۆشلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ تىجارىتى پېچەتلەنگەن

2014.07.21 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇل سائەت 23 لەردە، فۇشى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى مەشغۇلاتتىن توختىغان. شۇ كۈنى كەچتە شاڭخەي يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى ج خ تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان ماكدونالد بىلەن كېنتۇككىنىڭ تەمىنلىگۈچى سودىگىرى بولغان شاڭخەي فۇشى يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن خام ئەشيانى ئىشلىتىپ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر كارخانا پېچەتلەنگەن، چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرى تىزگىنلەنگەن. نازارەت-باشقۇرۇش تارماقلىرى فۇشى شىركىتىگە قاراشلىق ئالاقىدار كارخانىلارنى فۇشى شىركىتىدىن كەلگەن يېمەكلىك خام ئەشيالىرىنى پېچەتلەشكە بۇيرۇغان. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى مەلۇم تاراتقۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قائىدىگە خىلاب قىلمىشى بارلىقىنى، پىششىقلاپ ئىشلەش داۋامىدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن گۆشنى تېرىۋېلىپلا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تاشلايدىغانلىقىنى، توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ساقلاش مۇددىتىنى خاھلىغانچە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى، بىخسىپ قالغان كالا گۆش پارچىلىرىنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر