- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززا رايونىغا قوزغىغان يەر يۈزى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
2014.07.21 09:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن پىرېزىدېنتى ئابباس تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززا رايونىغا قوزغىغان يەر يۈزى ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، بۇ غەززا رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەردە تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلىدۇ، دېدى.
خاماس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى ھەرىكىتى توغرىسىدا 17-ئىيۇل كەچتە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىسرائىلىيە ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، دېدى. خاماسنىڭ باياناتچىسى بارخۇم بىر باياناتتا: ئىسرائىلىيە غەززادا قوزغىغان يەر يۈزى ھۇجۇمى خەتەرلىك بىر قەدەم، خاماس قارشى تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ قويدى، دېدى.
شۇ جاي ۋاقتى 18-ئىيۇل سائەت 21 گىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇمى باشلانغاندىن بۇيان پەلەستىنلىك 35 كىشى قازا قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر