باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەربىي ئافرىقىدىكى بەش دۆلەت تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدۇ(1)

2014.05.20 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىگېرىيەدە يېقىندا قىز ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشدەك تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى ۋە ئەندىشىنى قوزغىدى، غەربىي ئافرىقا رايونىدا كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا غەربىي ئافرىقىدىكى بەش دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پارىژدا يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ئەسەبىي تەشكىلات بولغان بوكو ھەرەم قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ قۇراللىق خادىملىرى تۇتقۇن قىلغان نىگېرىيەنىڭ بۇرنو ئوبلاستىدىكى 200 دىن كۆپرەك قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ھازاغىچە ئىز دېرىكى بولمىدى. رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدىكى نىگېرىيە بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى 17-ماي فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىلدى، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى جوناسىن، كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا، نېگىر زۇڭتۇڭى يۈسۈپ، چاد زۇڭتۇڭى دەيبى، بېنىن زۇڭتۇڭى يائى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى. فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىن 17-ماي ئېلان قىلغان ھۆججەتتە، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەر رايون ھەمكارلىقىنى ۋە خەلقئارا ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، بوكو ھەرەم قۇراللىق تەشكىلاتى تۇتقۇن قىلغان 200 دىن كۆپرەك قىز ئوقۇغۇچىنى قۇتۇلدۇرۇپ، بۇ تېررورچى تەشكىلاتقا زەربە بېرىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. يىغىندا يەنە ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك رايون ھەرىكەت پىلانى ماقۇللاندى. نىگېرىيە قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق قاتلىمىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار رايونلاردا ئۆز ئارا ماسلاشقان چارلاشنى كۈچەيتىپ، ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، چېگرا رايونلىرىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، رايون ئىچىدە ئاخبارات توپلاش ئورگىنى قۇرۇشنى ھەمدە چاد كولى ئويمانلىقى كومىتېتى رامكىسىدا مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇپ، رايون تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىشنى قارار قىلدى.

  يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جوناسىن مۇنداق دېدى: بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارغا قاراتقان قىرغىن قىلىش ھەرىكىتى بارغانسېرى ئەۋج ئىلىپ، 12 مىڭ كىشى قازا قىلدى، نەچچە ئونمىڭ كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ، شۇ جايدىكى پۇقرالار ئاپەت ئىچىدە قالدى، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىمۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئىلىپ كەلدى. بوكو ھەرەم تەشكىلاتى غەربىي ئافرىقا رايونىدىكى بازا تەشكىلاتىغا ئايلاندى، ئەگەر غەربى ئافرىقا ئەللىرى بىردەك ھەرىكەت قوللانمىسا، بۇ تېررورچىلار يوقىتالمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر