باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېرىموف بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.21 09:35   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ كېرىموف بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ماي شاڭخەيدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كېرىموف بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم دۆلەت، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم دۆلەت. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۆز-ئارا تولۇقلاشچانلىقى ۋە پۇرسەتنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ناھايىتى كۆپ، ئىككى تەرەپ تەپەككۇرىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى تەرەققىيات پىلانىنى تېزدىن تۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد، سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى سەمەرقەنت قەدىمىي شەھىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى ھەمكارلىق تۈرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئۆزبەكسىتان بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى، ئۆز خەلقى تاللىغان تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادى ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ رايون ئىشلىرى ۋە زور خەلقئارا ئىشلاردا ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى يىغىنى قاتارلىق سەھنىلەر ئارقىلىق، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىسلام كېرىموف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئۆزبېكىستاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكىگە قايىل، جۇڭگونىڭ ئۆزى تاللىغان يولدا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرىشىگە مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگوغا قەتئىي دوستانە سىياسەت يۈرگۈزىدۇ، جۇڭگونىڭ قەتئىي ھەمكارلىق شېرىكى بولىدۇ. ئۆزبېكىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ، ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى ۋە ئۆز-ئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تەرەققىياتىنى جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن سۆھبەتلەشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزدېنتى نەزەربايىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…