باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى قورغاس ناھىيەسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتىنى تەكشۈردى

2014.05.21 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا قورغاس ناھىيەسىگە بېرىپ، قورغاس ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا، قورغاس ناھىيەسىنىڭ نۇقتىدا تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە HIV يۇقۇملانغۇچىلىرى، يەنى ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمچىللىك كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەنپىي جۆرىلىرىنى رەتكە تىزىش تەتقىقاتى، ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمچىللىك كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان مەنپىي زەھەر چەككۈچىلەرنى رەتكە تىزىش تەتقىقاتى خىزمىتىنى تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قورغاس ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ نۇقتىدا تەكشۈرۈش ۋە رەتكە تىزىپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ۋە سوئال جاۋابلارنىڭ ئۆلچەملىك توشقۇزۇلغانلىقى، ماتېرىياللارنىڭ تەرتىپلىك رەتلەنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قورغاس ناھىيەسىنىڭ ھازىرقى ئايال جىنسىي خىزمەتچىلەر توپىنى نۇقتىدا تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى. قورغاس ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ راست، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىدا تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە رەتكە تىزىپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق بىلەن تاماملايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر