باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ياسىغان تۇنجى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتروۋوز گۇرۇپپىسى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

2014.05.21 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاينىڭ ۋاقتى 19-ماي، جۇڭگونىڭ شىمالىي ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانېيرو ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتروۋوز گۇرۇپپىسى رىئودى ژانېيرو پورتىغا يېتىپ باردى. قىسقا ۋاقىت قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ ئېلېكتروۋوز دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئىشلىتىلىدۇ.

  بۇ ئېلېكتروۋوز گۇرۇپپىسى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چاڭچۇندىن يولغا چىقىپ، 80 كۈن دېڭىزىدا يول يۈرۈپ، يەر شارىنىڭ يېرىمىنى ئايلانغاندىن كىيىن غەربىي جەنۇبىي يېرىم شاردىكى بىرازىلىيەگە يېتىپ كەلدى، ئېلېكتروۋوزنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 100 كىلومېتىر بولۇپ، 1300 كىشى ئولتۇرالايدۇ.

  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانېيرو شەھىرىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق بولغانلىقتىن ۋاگونلارغا يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىرتتا تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە ۋاگوننىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 دىن 23 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر