باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ خەلقئارا ئەدلىيە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق تەربىيە بازىسىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2014.05.22 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن بىلەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتانبايىۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئاكشېنكاروۋ 20-ماي شاڭخەي سىياسىي-قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا ئەدلىيە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق تەربىيە بازىسىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەربىيە بازىسى قۇرۇش-رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېشكەك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇس. بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەدلىيە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر