باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ھەرقايسى تەرەپلەرنى قاتمال ھالەتنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى

2014.05.22 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند ھەربىي دائىرىلىرى 20-ماي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى بان كىمون بۇنىڭغا دېققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بان كىمون باياناتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىجابىي سۆزلىشىش ئارقىلىق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سىياسىي قاتماللىقنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تايلاندنىڭ تىنچلىق ۋە گۈللىنىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى چوقۇم دېموكراتىك پىرىنسىپقا ھۆرمەت قىلىش ۋە دېموكراتىك بولۇش مۇساپىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك، ئۇ بارلىق تەرەپلەرنى ئەڭ زور چەكتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ھەرقانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى تايلاندنىڭ تېزدىن ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر