باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت خاراكتېرلىك كۆمۈر سودا بازىرى قۇرۇلىدۇ

2014.05.22 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 20-ماي مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ھازىرقى كۆمۈر سودا بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسىدا، بىر نەچچە رايون خاراكتېرلىك كۆمۈر سودا بازىرىنى تېزدىن ياخشىلايدۇ ھەم ئىككىدىن ئۈچكىچە مەملىكەت خاراكتېرلىك كۆمۈر سودا بازىرىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، قاتلىمى ئېنىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ۋاسىتىسى ئىلغار، ھەرىكىتى قېلىپلاشقان كۆمۈر سودا بازىرى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە كۆمۈر سودا بازىرىدا يەنىلا بازار ئايرىلىپ كېتىش، كۆلىمى كىچىك بولۇش، سودا ۋاسىتىسى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ساقلانغان. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەملىكەت خاراكتېرلىك كۆمۈر سودا بازىرى سىستېما قۇرۇلۇشىدا، بازارنىڭ بايلىق سەپلەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر بىلەن تۆمۈريول قاتنىشىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى توشۇش بىلەن ئېھتىياجنى تۇتاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىن زامانىۋى سودا ئەندىزىسىگە قاراپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە سەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر