باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەربىي ئافرىقىدىكى بەش دۆلەت تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدۇ(2)

2014.05.20 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كامېرون، نېگىر، چاد ۋە بېنىن نىگېرىيەنىڭ مۇھىم قوشنىسى. كامېرون زۇڭتۇڭى بىيا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بوكو ھەرەم قۇراللىق تەشكىلاتىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق، كامېرون شىمالىي قىسىم رايونىدا تېخىمۇ كۆپ ئەسكىرى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەگەر تېررورچى كۈچلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، رايون ھەتتا پۈتكۈل ئافرىقا قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كېرىپ قالىدۇ. چاد زۇڭتۇڭى دەيبى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : چاد نىگېرىيەنىڭ مۇھىم قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بوكو ھەرەم قۇراللىق تەشكىلاتىغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىشكە ياخشى تەييارلىق كۆرىدۇ.

  جوناسىن تۇتقۇن قىلىنغان 200 دىن كۆپرەك قىز ئوقۇغۇچىنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بوكو ھەرەم تېررورچىلىرى پارتىزانلىق ئۇرۇشى شەكلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلماقتا. مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن غايەت زور جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا قارىتا جوناسىن مۇنداق دېدى: تاراتقۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەمەلىي بولمىغان خەۋەرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە خاتا ئۇقۇم بېرىپ، ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتتى. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى تەرتىپلىك ئىلىپ بېرىلماقتا، ئارمىيە دائىرىلىرى يېقىندا بۇ رايونىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى قوماندانىنى ئالماشتۇرۇپ، 20 مىڭ ئەسكەرنى ۋەقە يۇز بەرگەن رايونغا ئەۋەتىپ، ھاۋادىن رازۋېدكا قىلىش ۋە ئاخبارات تارماقلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىش ئارقىلىق، ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ چىبۇك ئەتراپىدا ۋە سامابىسا ئورمانلىقىدا ئومۇميۈزلۈك چارلىشىغا ماسلاشتى.

  نىگېرىيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دېدى: ئاخباراتدىن ئايان بولۇشىچە، بوكو ھەرەم تېررورچىلىرىنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ئۇنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە زورىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. مالىنىڭ گائو، كىدان، نېگىرنىڭ دىففە، مارادى ۋە مايىناسولو، كامېروننىڭ مارونا ۋە گارونا رايونى، چادنىڭ زانگى ۋە رۇدىنا قاتارلىق جايلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ تەربىيەلەش بازىسى ۋە تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تەربىيىلەش ئورنىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنى يوقىتىشنىڭ ئاچقۇچى.

  نىگېرىيە ئابۇجا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابۇ بەكىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پارىژ بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىدا، غەربى ئافرىقىدىكى بەش دۆلەت بوكو ھەرەم تەشكىلاتىغا زەربە بېرىپ رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، غەربى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ھەتتا پۈتكۈل ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر