باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2014.05.21 08:56   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ماي شاڭخەيدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە يۈكسەك بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيا سەھنىسىدىكى مۇھىم كۈچ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى ياخشى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تارىخىي مەسئۇلىيىتى. بىز ھازىرقى مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن باشتىن-ئاخىر تېرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا ئۆزلۈكسىز تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئىي تەۋرەنمەستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، 2015- يىلدىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز شۇنداقلا سۈپەت جەھەتتە ھالقىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، يۇقىرى تېخنىكا، ئالەم ئاۋىياتسىيەسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇرەككەپ كۆپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىگە قارىتا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپلىك ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو رۇسىيە ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى، بىرلەشمە مەشىق قىلىش، ھەربىي تېخنىكا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرنى بىرلىكتە ياخشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى-دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن تەبرىكلەش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە مېۋىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىش، فاشىزم ۋە مىلىتارىزىمنىڭ ۋەھشىيانە تاجاۋۇزچىلىق تىراگېدىيەسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق ئىشلىرىنى كېڭەشتىم.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەنمەكتە، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئارمىيە، يەرلىك ئالماشتۇرۇشى قويۇقلاشتى، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد-سودا ۋە ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش ياخشى ئاشتى، باشقا ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ نېفىت-گاز، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يولۇچىلار ئايروپىلانى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوغا نېفىت، گاز ئېكسپورتىنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى مۇھىم، ئۇنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە يېقىندىن ماسلىشىشى-دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئامىلى. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىكنىڭ يېڭى باسقۇچى ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى ھەم ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر، ئاۋىياتسىيە، خەۋەرلىشىش، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت مۇخبىرلىرى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ شاڭخەي شىجياۋ يىغىن مەركىزى مەيدانىدا پۇتىننىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن سۆھبەتلەشتى
      ·شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزدېنتى نەزەربايىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…