باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا كىرىشكە تىرىشماقتا

2014.05.22 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق جۇڭگو چىڭخەي خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كۆرگەزمىسى يېقىندا چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدە يېپىلدى، كۆرگەزمە مەزگىلىدە، يىپەك يولىدىن كەلگەن ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئېلىمىزنىڭ شەنشى، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە ئاپتونوم رايونلىرىدىن كەلگەن سورىگەرلەر ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى، مۇسۇلمانچە لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى، نەچچە مىليارد يۈەنلىك سودا توختىمى ئىمزالاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا كىرىش ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

  مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 2014-يىللىق جۇڭگو چىڭخەي يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق يۇمۇلاق جوزا يىغىنىنى ئاچتى، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ يۇمۇلۇق ئۈستەل يىغىنىدا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىرىنچى، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ، ئىككىنچى، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىش، ئۈچىنچى سىياسەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر