باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ بېيجىڭ شەھىرىدە تاشقى سودا خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.05.22 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 20-ماي بېيجىڭ شەھىرىدە تاشقى سودا خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئىمپورت-ئېكسپورت ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قوللاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپنى تېخىمۇ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تاشقى سودىنىڭ رىقابەتچانلىقىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا رىقابىتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ سودا مۇھىتى-ئىقتىساد يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ تەكىتلىدى. ئۇ ئالاقىدار تارماقلاردىن خەلقئارالاشقان، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان سودا مۇھىتىنى تېرىشىپ يارىتىپ، تاشقى سودا رىقابىتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش؛ ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىلىرىدىكى تىجارەت خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت ۋە ھەقلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر