باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«تەڭرىتاغدا مۇھەببەت» ناملىق تىياىر دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا قۇرۇلدى(1)

2014.05.22 09:23   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

«تەڭرىتاغدا مۇھەببەت» ناملىق تىياىر دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا قۇرۇلدى(1)

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پىلانلىغان «تەڭرىتاغدا مۇھەببەت» ناملىق ناخشا-ئۇسۇللۇق تىياتىر تۈنۈگۈن دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىدا قويۇلدى.

  بۇ ناخشا-ئۇسسۇلۇق تىياتىردا ئادەتتىكى بىر ئانىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە يەتكۈزگەن مېھرى-مۇھەببەتى، تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى رىيالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن مەدھىيەلەنگەن.

  «تەڭرىتاغدا مۇھەببەت» ناملىق بۇ ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۇقتىلىق تەييارلىغان ئەسەر بولۇپ، «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئانا ھەنىپە ئالىماخوننىڭ ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان ئون يېتىم بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك ھەقىقىي ئىشلار ئاساسىدا يېزىلغان.

  پۈتۈن ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مۇقەددىمە-تەڭرىتاغدا باھار»،«بالىلىق مەزگىل»،«تاللاش»،«ئۆيگە قايتىش» ۋە «خاتىمە-ئانا» قاتارلىق نەچچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 28 ئىجادىي ناخشا-مۇزىكا ئارقىلىق «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ سەنئەت سېھرى كۈچى نامايان قىلىنغان، ئۇسسۇل ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق ۋىيو بوشلۇق مۇھىتى ئارقىلىق ئويۇننىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇ ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدا 63 مەيدان قويۇلۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

  ئاساسلىق ئىجادكار مۇنداق دېدى: ھەنىپەنىڭ ھېكايىسى ئالتاي تېغى ئېتىكىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھېكايىگە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش-ئىزلار مۇجەسسەملەنگەن، ئەسەردە ئادەتتىكى ئانا بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى مىھرى-مۇھەببەت مەدھىيەلەنگەن بولۇپ، باش تېمىسى روشەن، تەسىرلىك، ئىجابىي كۈچ تارقىتىدىغان، ئاساسى مېلودىيە نۇرلاندۇرۇلغان بەدىئىي سەنئەت ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى: نۆۋەتتە ھوقۇق-پۇل سودىسى ئا…
      ·مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قى…
      ·يېڭى نۆۋەتلىك مەجبۇرىي مائارىپ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش داۋاملىق ئورۇندالماقتا يېڭى بىر تۈركۈمدى…
      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئىنگلىز تىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن چىقىرىلىدۇ»غا قارىتا، ئىسلاھات لايىھەس…
      ·تاجىكىستان سەنئەت ئۆمىكى بېيجىڭدا ئويۇن قويدى(1)
      ·قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئالماسبېك ئاتامبايېف جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ