باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادا ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە تىنىچلىق ئەسلەتمىسى ماقۇللاندى

2014.05.22 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا ئالىي پارلامېنتىدا تۈنۈگۈن «ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە تىنچلىق ئەسلەتمىسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  ئەسلەتمىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: دۆلەتنىڭ مەلۇم رايونلىرىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، پارلامېنت بارلىق ئۇكرائىنالىقلارنىڭ كەسكىن ھەرىكەت ۋە ئۆچمەنلىكنى توختىتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئۇكرائىنانى راۋاجلاندۇرۇش ۋە قۇرۇش خىزمىتىگە قايتىپ كېلىپ، ئورتاق ماكان بولغان ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىشىنى مۇراجەت قىلدۇ.

  ئەسلەتمىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: پارلامېنت ئۇكرائىنا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە تۆت تەرەپ 17-ئاپرېل ھاسىل قىلغان جەنۋە ھۆججىتىنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى رامكىسى ئىچىدىكى مەملىكەتلىك سۆزلىشىشنى قوللايدۇ، 25-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ سايلىمىنى قوللايدۇ، قانۇنسىز قۇرال ئىشلىتىش ۋە زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ.

  ئۇكرائىنا پارلامېنتى ئارقىدىن بىر قانۇن ماقۇللاپ، ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلاردىن باشقا، ئىشغال قىلىۋىلىنغان ئىمارەت ۋە باشقا ئاممىۋىي سورۇنلاردىن چېكىنىپ، رازىلىقى بىلەن قۇرال تاپشۇرسىلا، كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە قاتناشمىغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر