باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىيىم مودېللىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.05.21 16:29   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىيىم مودېللىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ 32-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2014-يىللىق پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى ـــ «مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ» مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت بايرىمى 18-ماي چۈشتىن كېيىن، قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياشلىق جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى پائالىيەت «مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى تەشۋىقات كۆرگەزمىسى»، «ئاشپەزلىك مۇسابىقىسى» ۋە «ئەنئەنىۋىي مىللىي كىيىم-كېچەككە توغرا قاراش، زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يېتەكلەش» تېمىسىدىكى كىيىم مودېللىرى مۇسابىقىسى قاتارلىق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ئاساسىي مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى، ئاممىۋىي سەھىيە ئىنىستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، باشئەگىم كىيىم-كېچەك شىركىتى كىيىملەر بىلەن تەمىنلىدى. لى بىن، خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق مەكتەپ رەھبەرلىرى قاتناشتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەخسۇس خەۋەر قىلدى.

  «ئەنئەنىۋىي مىللىي كىيىم-كېچەككە توغرا قاراش، زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يېتەكلەش» سىتۇدېنتلار كىيىم مودېللىرى مۇسابىقىسى

  مودېللار مۇسابىقىسى مەيدانىدا T سەھنىدىكى مودېللار شۈبھىسىزكى كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ئاق خالاتنى سېلىۋەتكەن ھەر مىللەت مېدىتسىنا ئوقۇغۇچىلىرى تۇرمۇشتىكى كىيىملەر، مودا ئېقىم كىيىملىرى ۋە زامانىۋىي مىللىي كىيىم قاتارلىق ئۈچ تۈردە كۆپچىلىككە نەپىس ۋە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلدى. زامانىۋىي مىللىي كىيىم لايىھەلەش ئۇستىسى نەق مەيداندا لايىھەلىگەن «ئەتلەس» توي كۆينىكى پائالىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت بۈگۈنكى زامان سىتۇدېنتلىرىنىڭ جۇشقۇن قىياپىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە سىتۇدېنتلارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ياقتۇرۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئىناق ھەم گۈزەل مەكتەپ مەدەنىي تۇرمۇشى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىي مىللىي كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى يېتەكلەشتە ئاكتىپ بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·« 13 -بەش يىل» مەزگىلىدە مېيىپ ئوقۇغۇچىلار 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ 
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كىلەر يىلى 23- يانۋار قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى
      ·يەسلى مائارىپىغا 5يىلدا 400مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ