باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋېتنامغا ئەۋەتكەن پاراخوتلار قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى

2014.05.22 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو 19-ماي ئەۋەتكەن تۆت يولۇچىلار پاراخوتى ۋېتنامدىن يەنە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ 3553 خىزمەتچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو ۋېتنامنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ئالاقىدار خادىملارنى قاتتىق جازاش، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ زىيىنىنى تۆلەشكە داۋاملىق دەۋەت قىلىدۇ.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى ئارقىسىدا، ئۇندىن بۇرۇن ئىجارىگە ئېلىنغان بىر داۋالاش ئايروپىلانى ۋە ئىككى سودا ئايروپىلانى ۋېتنامنىڭ خاتېن ئۆلكىسىگە يېتىپ بېرىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئېغىر ۋە يېنىك يارىلانغان 307 نەپەر جۇڭگولۇقنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، 19-ماي جۇڭگو يەنە تۆت يولۇچىلار پاراخوتىنى ۋىتنامنىڭ يوڭئەن پورتىدىن جۇڭگو مېتالچىق گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ 3553 خىزمەتچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇندىن باشقا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تارماق ھالقىغان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ۋە ۋېتىنامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دۆلەتكە قايتىشىقا ياردەملىشىشگە ئورۇنلاشتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، خىزمەت گۇرۇپپىسى، ۋىتنامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋېتنامدىن جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىدىغان خادىملارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر