- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ گۋىنىيە بىساۋۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.05.21 08:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 19-ماي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، گۋىنىيە بىساۋۇ 18-ماي مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2-قېتىملىق ئاۋاز بېرىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىختىلاپلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ كۈنى ئەتىگەندە باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، گۋىنىيە بىساۋۇنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ تەرتىپلىك ئۇسۇلدا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2-قېتىملىق ئاۋاز بېرىشىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى چىڭىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر