باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ سەي يەنمىڭ باشچىلىقىدىكى تەيۋەنلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2014.05.26 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا باش مۇدىر سەي يەنمىڭ باشچىلىقىدىكى تەيۋەن ۋاڭ ۋاڭ جۇڭشى تارتقۇ گۇرۇھى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، بۇ تارىخىي يۈزلىنىشنى ھېچكىم توسۇيالمايدۇ، بىز تەيۋەنگە قاراتقان فاڭجېن سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللىقىنى داۋاملىق ساقلايمىز، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى قوغدايمىز. يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ۋە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەستىن تۈرتكە بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمىز. يۈ جېڭشېڭ ۋاڭ ۋاڭ جۇڭشى تارتقۇ گۇرۇھىنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ ئاخبارات ئالماشتۇرۇشىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا ئىجابىي باھا بەردى، ۋاڭ ۋاڭ جۇڭشى گۇرۇھىنىڭ ئىزچىل نۇقتىئىنەزىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكىرى مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر