باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۇرىيە مەسىلىسىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللانمىدى

2014.05.26 10:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 22-ماي سۇرىيە مەسىلىسىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بەردى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو قارشى تۇرغانلىقتىن، بۇ قارار لايىھەسى ماقۇللانمىدى.

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرسە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سۇرىيەدىكى ئالاقىدار ئۇرۇش جىنايى ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ، ئەيىبلەيدۇ ۋە سوتلايدۇ.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 22-ماي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە سۇرىيە مەسىلىسىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇش، سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جەنۋە سۆھبىتىنىڭ تېزدىن قايتىدىن باشلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر