باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.05.26 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22- 23-ماي ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانخوت شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇلانخوت شەھەرلىك سانائەت كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئەمەلىي مەشىق سېخىدا لى كېچياڭ مۇنداق دېدى:«سىلەر تېخنىكا ئۆگىنىۋاتىسىلەر، تېخنىكا بولسا كەلگۈسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ، ئائىلەڭلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايسىز، جەمئىيەتكە كۈچ قوشالايسىلەر، بىر ئۆمۈرلۈك تۆمۈر قازانغا ئىگە بولىسىلەر، ئۆگىنىشىڭلارنىڭ نەتىجىلىك بولۇپ، كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تېپىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!»

  لى كېچياڭ دۆلەتلىك ئېلېكتىر بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تېخنىكىسى ئۇلانخوت چەكلىك شىركىتىگە باردى. ئۇ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى قۇراشتۇرىۋاتقان خادىملارغا مۇنداق دېدى: سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تايىنىش كېرەك، كەلگۈسىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كارخاناڭلارنىڭ ماركىسى بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پاكىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بىلەن باشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرلەشمىسى. بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېشىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان تىرىلمە ئېنېرگىيە، بۇ بىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىمىز. ھەم باشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن بىرلەشتۈرۈش ھەم مەملىكەت ئىچى بازىرىغا يۈزلىنىش، كەلگۈسىدە يەنە خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىپ، بىر بىرلەشمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىمىزنى تېخىمۇ تەكشى ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ ئۇندىن كېيىن قىسمەن كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىم تەكشى بولماقتا، ئەمما مۇقىملىق ئىچىدە يەنە قېيىنچىلىقلارمۇ گەۋدىلىك بولماقتا، ئىقتىسادنىڭ ئاستىلاش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر زور، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەرەققىيات ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دېگەننى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلەش روھى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تەرەققىياتنىڭ يەنىلا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكى، تەرەققىياتنىڭ جۇڭگونىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە شەرتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. بىز يەنىلا تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بار يوشۇرۇن كۈچىمىزنىڭ ھەممىسىنى قېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدىكى بىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىمىز، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بىلەن مۇقىم ئېشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئاممىنىڭ ئارزۇسى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تومۇرى ۋە تىرىكى، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان ئەمەلىي ئىقتىساد مەبلىغى ئومۇمىي جەھەتتىن قىس بولۇش بولۇپمۇ كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مۇۋاپىق سىياسەت قورالىدىن پايدىلىنىپ، ۋاقتىدا مىكرو تەڭشەش، پۇل ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاپ، ياخشى پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىپ پۇل مۇئامىلە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە پائال ماسلىشىپ، تىرىشىپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. لى كېچياڭ يەنە ئۇلانخوت موزىيىنى ئىېكىسكۇرسىيە قىلدى، بۇ يەردە ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى تىزىلغان ئىدى. لى كېچياڭ ھەر مىللەت مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىلەر مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلىشىڭلار كېرەك. مەدەنىي جەمئىيەت مەدەنىيەتنى ئۆزىگە تىرەك قىلىشى كېرەك، سىلەر مەدەنىيەتنى چۈشەنسەڭلار جەمئىيەتكە تىرەك بولالايسىلەر، مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلالايسىلار. كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىشى، ئىلغار ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىزنىڭ ئەخلاق كۈچى مۇجەسسەملەنگەن، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۇ بىر تىرەك كۈچ. كۆپچىلىك بىللە تىرىشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر