باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قەنت-گېزەكچىلىكتە بۇ يىل ئون مىليارد يۈەندىن ئارتۇق زىيان بولۇشى مۇمكىن

2014.05.26 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گۇاڭشىنىڭ ليۇجۇدا ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو قەنت-گېزەكچىلىك ئىگىلىكى 30 كىشىلىك يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە، جۇڭگو قەنت-گېزەكچىلىك جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جيا جىرېن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قەنت-گېزەكچىلىكىدىن ئۇدا ئىككى يىل زىيان چىقتى، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە ئۈچ مىليارد يۈز مىليون يۈەن زىيان بولدى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىغاندا، بۇ يىل پۈتۈن كەسىپ تارتىدىغان زىيان ئون مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن.

  جيا جىرېن مۇنداق دېدى: 1992-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، جۇڭگو قەنت-گېزەكچىلىكى پۈتۈن كەسىپ بويىچە زىيان تارتقان مەزگىل بولغان، 2000-يىلىدىن تارتىپ مۇقىم تەرەققىيات مەزگىلىگە كىرگەن، 13 يىل پۈتۈن كەسىپتىن زىيان چىقمىغان، لېكىن نۆۋەتتە يەنە بىر زىيان مەزگىلىگە كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر