باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر سوت مەھكىمىسى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «مىسىر جەڭچىسى»نى تېررورچى تەشكىلات دەپ بېكىتتى

2014.05.26 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 22-ماي خەۋەر قىلىشىچە: قاھىرە جىددىي ئىشلار سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئەسەبىي تەشكىلات بولغان مىسىر جەڭچىسى تەشكىلاتىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ بېكىتكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ھۆكۈم بىر ئادۋۇكاتنىڭ مىسىر جەڭچىسى تەشكىلاتىنى تېررورچى تەشكىلاتىلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغان. بۇ تەشكىلات بۇ يىل 1-ئايدا مىسىر ئارمىيەسى قوللىغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىكى جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق زوڭتوڭ مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئالغان. ھازىرغىچە، بۇ تەشكىلات ئۆتكەن ئاينىڭ 18-كۈنى جىسا ئۆلكىسىنىڭ مۇقەددەس رايونىدىكى بىر ساقچىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر