باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى 22-ماي ئېغىر زوراۋان تېررورلۇق دېلوسى پاش قىلىندى

2014.05.26 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تەشكىللىشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بارلىق ساقچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، 22-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى سايباغ رايونى باغچە شىمالىي كوچىسى ئەتىگەنلىك بازىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلغان.

  تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ دېلونى پەيدا قىلغان زوراۋان شايكىنىڭ 5 ئەزاسى بولۇپ، 4 زوراۋانلىق تېررورچى ئۇنسۇر نەق مەيداندا پارتلاپ ئۆلگەن، پىلانلاشقا قاتناشقان يەنە بىر تېررورچى ئۇنسۇر نۇرئەخمەت ئابلىپىز 22-ماي كەچتە شىنجاڭنىڭ بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تۇتۇلغان، ئۆلگەن تېرروچىلارنىڭ سالاھىيىتى DNA بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلكەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نۇرئەخمەت ئابلىپىز، مەمەت مەمەتىمىن، رېھىمجان مەمەت، مەھەممەتىمىن مەمەت، ئابلەت ئادۇقادىر قاتارلىق گۇمۇلۇق كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، زوراۋان تېررورلۇق ئۈنسىن پىلاستىنكىلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 5 كىشىلىك جىنايەت شايكىسىنى ھاسىل قىلغان، ئۇلار زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، پارتلىتىش ماتېرىيالى ۋە دېلو سادىر قىلىش ماشىنىسى سېتىۋالغان، پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى ياساپ، ھۇجۇم نىشانىنى بېكىتكەن. 22-ماي سائەت 7دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە مەمەت مەمتىمىن قاتارلىق 4 تېررورچى ئۇنسۇر زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى پەيدا قىلغان، ھازىر دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر