باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى

2014.05.26 09:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئالاقە نۇقتىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، ئالاقە نۇقتىسى قىلغان ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىستىلنى چىڭ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئىستىل ئۆزگەرتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى تەكىتلىدى.

  2-تۈركۈمدىكى تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم بىردىن ناھىيە بىلەن ئالاقە باغلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 9-ماي خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىگە بېرىپ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئارقىدىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىغا ئايرىم قاتناشتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋېڭنىيۇت خوشۇنىغا، جاڭ دېجياڭ فۇجيەن ئۆلكىسى شاڭخاڭ ناھىيەسىگە، يۈ جېڭشېڭ يۈننەن ئۆلكىسى ۋۇدىڭ ناھىيەسىگە، ليۇ يۈنشەن شەنشى ئۆلكىسى لىچۈەن ناھىيەسىگە، ۋاڭ چىشەن شەندۇڭ ئۆلكىسى مېڭيىن ناھىيەسىگە، جاڭ گاۋلى جىلىن ئۆلكىسى نوڭئەن ناھىيەسىگە باردى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بۇ يىل 3-ئايدا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئارقىدىن، يەنە ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم ئىگىلىدى، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە نۇقتىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنلىرىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئالاقە نۇقتىلىرىدىكى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى كوللېكتىپى ۋە شەخسلەرنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى. ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىغا بارغاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى كوللېكتىپىغا ۋاكالىتەن سېلىشتۇرما تەكشۈرۈشنى دوكلات قىلدى، كوللېكتىپ ئەزالىرى شەخسىي سېلىشتۇرما تەكشۈرۈشنى دوكلات قىلدى ھەم ئۆز ئارا تەنقىد پىكىرلىرىنى بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى كوللېكتىپى ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرى تەكشۈرۈپ چىققان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى، پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە خەتىرىنى باھالىدى ۋە تەھلىل قىلدى.دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈلۈك يولىدا، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چەكلىك مۆھلەتتە مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چەكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئامىللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىدارىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشى-پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرى يولداشلار ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىپ، جىسمانىي، روھىي، كەسپىي جەھەتتىكى تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشى لازىم. ئىستىلنى ياخشىلاش بىلەن خەلق ئاممىسى ھەل قىلىشنى كۈتۈۋاتقان يېڭى، ئەمەلىي مەسىلىلەر، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر