باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پەۋقۇلئاددە ۋەقە يۈز بەرگەندە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى

2014.05.26 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 22-ماي زورۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون زور پەۋقۇلئاددە ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى دەرھال يولغا قويۇپ، جايلار ۋە تارماقلار ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش چارلاشنى كۈچەيتتى.

  23-ماي چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بالدۇر يولغا چىقىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشقا ماڭدى ۋە بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى. شەھەردىكى ھەر قايسى يوللاردا قاتناش راۋان بولدى، كوچا ئەتراپىدىكى دۇكانلارمۇ ئىلگىرىكىدەك نورمال تىجارەت قىلدى. كۆزىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى كوچىلاردا ئالاھىدە ساقچىلار، خەلق ساقچىسى ۋە مەھەللە ياردەمچى ساقچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساقچىلار كۆپەيگەن، كوچىدا ھەر ۋاقىت ساقچىنىڭ چارلاش ماشىنىسى ئۆتۈپ تۇردى.

  مۇخبىر خۇمدانلىق ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بېكەتكە كىرىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ سومكىلىرىنى ئېچىپ بىخەتەرلىك تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. خەلق باغچىسىغا ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا چىققان شەھەر ئاھالىلىرىمۇ كىرىش ئېغىزىدا سومكىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭدىن باشقا، قىزىل تاغدىكى دوستلۇق بەيشېڭ دۇكىنى، 1-ئىيۇل جياڭيۈەن سودا سارىيى قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايلارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مەخسۇس سومكىنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىرىش ئېغىزىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى كۈندە ھەر قايسى سودا دۇكانلىرى، تاللا بازىرىدا بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچى خادىملارنىڭ سانى كۆپەيدى.

  مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يەسلىيسىنى زىيارەت قىلغاندا مۇنۇلارنى بايقىدى: پۈتۈن شەھەر بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بۇ يەسلىدە كارتا سۈرۈپ يەسلىگە كىرىش تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، كىچىك دوستلار يەسلىگە كىرگەندە ۋە ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئالغاندا بىردەك كارتا سۈرۈپ ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن كىرەلەيدىكەن، ئەتىگەن ۋە كەچتە بالىلارنى ئاپارغاندا ۋە ئېلىپ قايتقاندا يەسلىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىمى، شۇ رايوننىڭ خەلق ساقچىسى، مەھەللە ياردەمچى ساقچىسى ئىش ئورنىدا تۇرۇپ، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق تارماقلاردا بىخەتەرلىكنى ساقلاش كۈچى كۆپەيتىلدى، چوڭ سودا سارايلىرى، ئادەملار زىچ توپلاشقان ۋە نۇقتىلىق رايونلاردا ئالاھىدە ساقچىلار ۋە ماشىنىلار نەق مەيداندا نۆۋەتچىلىك قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر