باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشتىكى بېيجىڭ بۆلىكىنىڭ يەر ئاستا ئايلانما يولى تۇتاشتۇرۇلدى

2014.05.26 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھىرىدىكى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى شەرقىي غول ئۆستىڭىنىڭ ئاخىرقى بىر ئارىلىقى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئېلىمىز جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا لىنىيەسى بېيجىڭ بۆلىكىنىڭ يەر ئاستىدا سۇ يەتكۈزۈش ئايلانما يولىنىڭ تولۇق تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ ئەگرى-بۈگرى سۇ يەتكۈزۈش يولىدا، غەربىي 4-ئايلانما، شىمالىي 5-ئايلانما، شەرقىي 5-ئايلانما، جەنۇبىي 5-ئايلانما تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 107 كىلومېتىر 300 مېتىر كېلىدۇ. بۇ يىل تاشقىن مەزگىلىدىن كېيىن، بۇ يەر ئاستى ئايلانما ئۆستىڭى-چاڭجياڭنىڭ سۈيى بېيجىڭغا كىرىدىغان ئاساسلىق ئۆستەڭگە ئايلىنىپ، پايتەختنىڭ سۇ مەسىلىسى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر