باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئولانخات شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈردى

2014.05.26 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ 22-ماي ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئولانخات شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈردى. لى كېچياڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئىچكى موڭغۇل ئولانخات شەھىرى دېرۇن پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى قۇرۇلۇش ئورنىغا باردى. ئۇ كارخانا مەسئۇللىرىغا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ شەھىرىمىز چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن يەر ئاستى ئۇل ئەسلىھەلەر كەمچىل، سىرتى شەھەرنىڭ قىياپىتى، ئىچى شەھەرنىڭ ۋىجدانى. ئىچى مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن يۈزى بولىدۇ. بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز تەرەققىي قىلدى، شەھەرلەرنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، دېيىشكە بولىدۇ. بىرى سىرتى جەھەتتە، يەنە بىرى ئىچى جەھەتتە، ئىچىنىڭ ئىشى سىرتىنىڭ ئىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئۇ يۈز يىللىق زور پىلان. ئىچىنىڭ ئىشىنى چوقۇم ئوبدان قىلىش كېرەك، ئىچى ئوبدان بولمىسا، يۈزى بولمايدۇ، يۈزى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. شۇڭا سىلەر قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىشلىشىڭلار كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولغان، شەھەرنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مەسئۇل بولغان بولىسىلەر، بۇ سىلەرنىڭ شەھىرىڭلارنىڭ ۋىجدانىنى گەۋىدىلەندۈرىدۇ. لى كېچياڭ يەنە بىر دېھقان ئىشلەمچى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر شەھەرنىڭ يەر يۈزى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشتىڭلار، ھازىر يەنە يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنى قىلىۋاتىسىلەر، بۇ شەھەر قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن قوش تۆھپە. كەلگۈسىدە تېخنىكىنى ئوبدان ئۆگەنسەڭلار تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلالايسىلەر، سىلەر، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىكارلار.

  ئىلگىرى سىلەر شەھەرلەردە چوڭ ئىمارەتلەرنى سالغان شەھەر يۈزى تۆھىپىكارلىرى ئىدىڭلار، ھازىر سىلەر شەھەرنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تۆھپىكارلىرى بولۇۋاتىسىلەر، كەلگۈسىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىۋاتىسىلەر شۇڭا سىلەر قوش تۆھپىكارلار، رەھمەت سىلەرگە!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر