باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگە زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىنى ئەيىبلىدى

2014.05.26 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىدە 22-ماي زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى يۈز بېرىپ،ئېغىر ئۆلۈم يېتىم بولدى؛شىنجاڭدىكى ھەر ساھە ھەر مىللەت ئاممىسى بۇنىڭدىن غەزەپلەندى ۋە ئەيىبلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى:تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش ئىستىكى،تەرەققىيات ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسىغا تامامەن خىلاپ؛جەمئىيەت ۋە مىللەتلەر تەرەققىياتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇلار دۆلەت ئۈچۈن ئاپەت، مىللەتنىڭ خائىنى، بۈگۈنكى جەمئىيەت ۋە ھازىرقى زامان ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى غەيرەت ئالىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى سىياسىي قانۇن كادىرلىرى مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ،تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ،تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش بۇ مەيدان خەلق كۆرۈشىنى ياخشى قىلىپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش لازىم.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ھەر مىللەت ھەر ساھە ياشلىرى بىرلىشىپ ئىمزالىق ئاشكارا خەت ئېلان قىلىپ،ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 22-ماي زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسىنى ئەيىبلىدى.ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئانار دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئۇزاق مەزگىل ئەمىن بولغان پولات قورغان بەرپا قىلايلى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس،شىنجاڭ سانجى ئىنىستېتوتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلشەن ئىسمائىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك قىلمىشى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورغىنى بەرپا قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر