باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئايال ئالىملار ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2014.05.26 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-نۆۋەتلىك جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى يىللىق يىغىنىنىڭ ئايال ئالىملار يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى ئۈلۈشكۈن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى، نۇرغۇن ئايال ئالىملار مۇنبەردە ئاياللارنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئوينىغان ئۆزگىچە رولى توغرىسىدا ئازادە پاراڭلاشتى، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى جىنىس باراۋەرلىكىگە تۈرتكە بولۇشنى ئورتاق مۇراجەت قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، كۆپلىگەن ئاياللار يۇقىرى ئېنىرگىيە، ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى، مىكرو ئېلىكتىرون تېخنىكىسى، سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئىنچىكە پەن-تېخنىكا ساھەلىرىگە كىرىپ، ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 2012-يىلىغىچە، ئېلىمىزدە ئايال تەتقىقاتچىلار 1 مىليون 150 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەتقىقاتچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن، ئومۇمىي سانى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، ئاياللار جۇڭگو پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان.

  لېكىن تارىخ قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار سەۋەبىدىن ئاياللار پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بىر قەدەر چەتراق ئورۇندا تۇرماقتا، بۇ ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىقتىساسلىقلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرىسىدا ئورۇن پەرقى بولۇش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

  دۆلەت تەبىئەت پەنلىرى فوند كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو ئايال پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ رۈيپىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئاياللارنىڭ يۇقىرى قاتلام ئىقتىساسلىقلار قوشۇنىغا كىرىش يولى راۋان ئەمەس، ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ پەن-تەتقىقاتقا ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلەش ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىش پۇرسىتى بىر قەدەر ئاز. مەن جىنس باراۋەرلىكىنى تەدبىر بەلگىلەش ئاساسىي ئېقىمىغا كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن ئايال پەن-تەتقىقات خادىملىرىنى پەن-تەتقىقات تۈرلىرىنى باھالاشقا قاتناشتۇرۇش شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاياللارنىڭ پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ «ئايال ئالىملار»غا بولغان دېققىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر