20-چېسلا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا ئالاقىدار بىرلەشمە پىكىر»گە ئىمزا قويدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: 20-چېسلا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى، ھەم «جۇڭگو-رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا ئالاقىدار بىرلەشمە پىكىر»نى ئېلان قىلدى. ئىلگىرىكى بىرلەشمە پىكىرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا ئىككى دۆلەتنىڭ يەرشارى بويىچە زور بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە بولغان پىرىنسىپلىق مەيدانى شەرھلەنگەن.
تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى «شەرق گۆھىرى» جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا بىخەتەرلىك تەرتىپى ئورنىتىشى ئۈچۈن جانلىق ساداسىنى ياڭراتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى