- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ب د ت ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2014.04.18 09:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 16-ئاپرېل بىردەك قارار ماقۇللاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى ھەمدە ئالاقىدار ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش مېخانىزمى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە دەۋەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىلياسۇن خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رىۋاندادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق چوڭ كۆل رايونىغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. 20 يىلدىن كىيىن، بۇ رايون يەنىلا بۇ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە تاقابىل تۇرماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قانۇنلۇق، مەسئۇلىيەتچان، كەڭ قۇرساق ۋە ئىشەنچلىك بولغان دۆلەت ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، كەمسىتىلمىگەن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر