باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋېلىسىپىت مىنىشنى تەشەببۇس قىلدى(2)

2013.12.24 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇڭا بورىس دۇچ كەلگەن مەسىلە بەلكىم كىشىلەرنى قانداق قىلغاندا ۋېلىسىپىت مىنىشكە قىزىقتۇرۇش بولماستىن، بەلكى ۋېلىسىپىت مىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنى ۋېلىسىپىت مىنىشىكە قىزىقتۇرۇش؛ مەسىلەن ئاياللار ۋە ياشانغانلارنى ۋېلىسىپىت مىنىشكە قىزىقتۇرۇش.

  بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. گوللاندىيە بىلەن دانىيەدە مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ۋېلىسىپىت مىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۇ ئىككى جاينىڭ بىخەتەرلىك كويفېسېنتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى جاينىڭ قاتناش قانۇنىغا ئاساسەن ئەگەر ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار بىلەن باشقا قاتناش قۇرالىنى ئىشلەتكەنلەر ئوتتۇرىسىدا ھادىسە يۈز بەرسە قاتناش قانۇنىدا ۋېلىسىپىت مىنگەن كىشىگە ئېتىبار بېرىلىدۇ. بۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى يولدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەنگلىيەدە، 3 دەن 2 قىسىم ئايال يوللارنىڭ بىخەتەرلىك كويفېسېنتى يېتەرسىز دەپ قارىغانلىقتىن ۋېلىسىپىت مىنمەيدىكەن. تېخىمۇ بىخەتەر يول بولغاندىلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ۋېلسىپىتنى قاتناش قورالى قىلىدۇ. ئەمما، بىخەتەرلىك بىردىن بىر ئامىل ئەمەس. مېردۇن كەيئېنس بىلەن سىتېفۇنىچ ئەنگلىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى شەھەر، ئىككىلا جايدا قۇسۇر ئىزدىگىلى بولمايدىغان مەخسۇس ۋېلىسىپىت يولى بار بولۇپ، يېشىل يول دەپ ئاتىلىدۇ. ۋېلىسىپىت يولى ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ۋە پىيادە ماڭىدىغانلار بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى شەھەردە ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ئىنتايىن ئاز. بۇ يەردە كىشىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تېز ھەيدەشكە تېخىمۇ ئامراق. كىشىلەرنى ۋېلىسىپىت مىنگۈزۈش ئۈچۈن كىشىلەرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرگەندىن باشقا يەنە باشقا قاتناش قورالىنىڭ ۋېلسىپىتتەك راھەت بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتە، خاكىنىدا ۋېلسىپىت مىنىدىغانلارنىڭ لوندوندىكى باشقا مەمۇرىي رايونلاردىن كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب خاكىنىنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى لوندوننىڭ باشقا رايونلىرىدىن ناچارراق بولغانلىقىدا.

  شۇڭا بورېسنىڭ ۋېلسىپىت مىنىش ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن لوندوننىڭ باشقا قاتناش ئۇسۇلىنىڭ يۇقىرى تەننەرقى ۋە قولايسىزلىقى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋېلسىپىت مىنىشنى تاللىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ بىر خىل ۋېلسىپىت مىنىش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ؛ ئەگەر سىزنىڭ دوستىڭىز ياكى خىزمەتدىشىڭىز ۋېلسىپىت بىلەن ئىشقا بارسا، سىزمۇ شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن سىزمۇ ۋېلسىپىتلىق ئىشقا بېرىشنى ئويلىشىشىڭىز مۇمكىن. ئامېستېردام بىلەن كوپېنخاگېندا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى جايدا قاتناش ئىنتايىن توسۇلىدىغان، يوللار تار بولغاچقا ۋېلسىپىت مىنىش مەدەنىيىتى ئەزەلدىن يوقاپ كەتمىگەن. لوندوننىڭ قاتنىشى تېخىمۇ توسۇلىدۇ، نوپۇسىمۇ پات ئارىدا 10 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، شۇڭا ۋېلسىپىت مىنىش مەدەنىيىتى كەڭ تارقىلىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر