باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدە نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى (2)

ئامېرىكا سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2013.02.18 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-فېۋرال ئىدلىپ ئۆلكىسىدە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىق كىشىلەر شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسى توستى ھەمدە ئاپتوبۇستىكى ئادەملەرنى تۇتقۇن قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، شىئە مەزھىپى قوراللىق كۈچلىرى يېقىن ئەتراپتىكى بىر سۈننىي مەزھەپ كەنتىكىدىكى نەچچە كەنت ئاھالىسىنى تۇتقۇن قىلدى. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر شۇندىن كېيىن يەنە شىئە مەزھىپى كەنتى ئاھالىسىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆچ ئالدى، شۇنداق قىلىپ ئايلانما ئۆچ ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش دېلوسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھەپ ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئۇزۇن بولدى، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ جايدا ئۆز-ئارا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەردى، لېكىن ئاياللار ۋە بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى بىر تەرەپتىن سۈرىيەنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ ئاداۋىتىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شىتاپ باشلىقى گېنېرال پولكوۋنىك ئودىيېنو 16-فېۋرال ۋاشىنگتوندىكى بۇرۇكلىن تەتقىقات ئورنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سۈرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىش پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، ھەربىي دائىرىلەر ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويدى، پرېزىدېنت ئوباما بۇيرۇق بەرسىلا، قىسىم ھەر ۋاقىت ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. بىراق ئۇ مۇنداق دېدى: ھەربىي ئارىلىشىشتا سۈرىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى ئويلىنىش كېرەك، پرېزىدېنت ئوباما ھازىر ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ سۇرىيە كىرىزىسىگە دىپلوماتىك يول بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك دەپ قارىماقتا.

  ئۇندىن باشقا ئودىيېنو شۇ كۈنى ھازىر سۈرىيەدىكى خىمىيىۋى قوراللار بىر قەدەر بىخەتەر، دېدى.

  ئوتتۇرا شەرق تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئودىيېنونىڭ سۆزى شۇنى كۆرسەتتىكى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئەمدىلا 2-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى باشلىغان ئوباما سۇرىيە مەسىلىسىنى يەنىلا ئالدى بىلەن دىپلوماتىك يول ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئوتتۇرغا قويدى. بىراق سەل قاراشقا بولمايدىغىنى شۇكى ئوباما ھەربىي جەھەتتە بىۋاسىتە ئارىلىشىشقا ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە