- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياپونىيە-كورىيە ھۆكۈمەتلىرى چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىنى مۇنازىرە قىلدى
2013.02.18 14:40 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
ۋىناغا جايلاشقان خەلقئارا يادرو سىنىقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ( CTBTO ) دىكى ئاتوم ئېنېرگىيەسىنى تەكشۈرۈش خەرىتىسى
|
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 17-فېۋرال تېلېگراممىسى : چاۋشيەن 12-فېۋرال 3-قېتىملىق يادرو سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، كورىيە ۋە ياپونىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ‹‹ئۆزىمىزنىڭ يادرو قوراللىرى ئامبىرى بولۇشى كېرەك ›› دېگەن سادانى ياڭراتتى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ۋە كورىيە 20-ئەسىرنىڭ 60-، 70-يىللىرىدىلا مەخپىي ھالدا يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان .
كورىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە ـــ يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى چۇڭ مونجۇن خەلق پارلامېنتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېگەن : چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى كورىيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىكى كۈچەيتتى ، ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى خۇددى قوشنىسىدىن بىر پىلموت سېتىۋالغانغا ئوخشايدۇ ، ئەمما كورىيە پەقەت شېغىل تاشلارغا تايىنىپلا ئۆزىنى قوغدايدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە